当前位置: 网站首页 > 竞赛规程 > 新疆军威赛鸽公棚 > 2019年新疆军威公棚军旗杯秋季竞赛规程(维文版)

2019年新疆军威公棚军旗杯秋季竞赛规程(维文版)

时间: 2019-03-22  来源: 中国信鸽竞翔网  访问量:2994  作者: 新疆军威赛鸽公棚

شىنجاڭ جۈنۋېي ئاممىۋى لاپىسى 2019-يىللىق 3-نۆۋەتلىك


جۈنچى لوڭقىسى مۇسابىقە قائىدىسى


شىنجاڭ جۈنۋېي ئاممىۋى لاپىسى 2019-يىللىق 3-نۆۋەتلىك كۈزلۈك


«جۈنچى لوڭقىسى» مۇسابىقە قائىدىسى



ش توغرىسىدا پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)

باشقۇرغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ سانجى شەھىرى جۈنۋېي مۇسابىقە كەپتىرى كۇلۇبى

ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ سانجى جۈنۋېي ئاممىۋى لاپىسى

مۇسابىقىنى نازارەت قىلغۇچى ئورۇن: شىنجاڭ سانجى شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى

باچكىلار لاپاسقا كىرگەندىن كېيىن پېچەتلىنىپ، رەسمىي پۇت ھالقىسى تاقاپ قويۇلىدۇ.

1-ئۆتكەل مۇسابىقىدىن بۇرۇن قولغا ئېلىپ تۇتۇپ تەكشۈرۈلىدۇ

1-ئۆتكەل مۇسابىقىدىن بۇرۇن ھەق تاپشۇرمىسا، قەپەسكە قەتئىي كىرگۈزۈلمەيدۇ.

ھەر بىر ئۆتكەل مۇسابىقىدىكى ئۇچۇرۇش نۇقتىسىدا بەلگە خاراكتېرلىك جىسىم بولىدۇ.

100 كىلومېتىرلىق مۇساپىدىكى ھەق ئېلىش پونكىتىدا، مەشىق تەرىقىسىدە قويۇپ بېرىپ قەپەسكە كىرگۈزۈپ كەپتەرلەرنى بىرمۇبىر سايىلەيدۇ.

ھەر بىر ئۆتكەل مۇسابىقىدە ئالدىنقى ئۆتكەلدىكى ئالدىنقى ئۈچ نەپەر كەپتەرچى دوستنى لاپاسقا چىقىپ مۇسابىقىنى نازارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.

كەپتەرنى كېلىشىم قىلىپ بېرىش-ئېلىشقا بولمايدۇ.

 

 

 

ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن بىر ھەپتە بۇرۇن رېپېر ۋە كەپتەرچى دوستلار ۋەكىللىرى ئۆزلىرى قۇلۇپ ئېلىپ كېلىپ، لاپاستا ھەر بىر ھالقىنى نازارەت قىلىدۇ

 

شىنجاڭ جۈنۋېي ئاممىۋى لاپىسى كەپتەرچى دوستلارنىڭ قوللىغانلىقىغا ۋە غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن، 2019-يىللىق «جۈنچى لوڭقىسى» كۈزلۈك مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 501-بولغۇچىدىن 600-بولغۇچىغىچە 5000 يۈەن مۇكاپات پۇلىنى ئالاھىدە تەسىس قىلىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشىش سالاھىيىتىدە ھەر بىرەيلەن ئالدىن تاپشۇرغان 2000 يۈەن كاپالەت پۇلى ئاساس قىلىندى. تىزىملاتقاندا كاپالەت پۇلىنى ئالدىن تاپشۇرىدۇ، كاپالەت پۇلىنى ئالدىن تاپشۇرغان ئەزالار بۇ مۇكاپات تۈرىگە ئېرىشىش سالاھىيىتىدىن بەھرىمان بولالايدۇ، كاپالەت پۇلىنى ئالدىن تاپشۇرمىسا، بۇ مۇكاپات تۈرىگە ئېرىشىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالىدۇ، ئىسىم تەرتىپى ئۆزگەرمەيدۇ، مۇكاپات پۇلى كەينىگە سۈرۈلىدۇ. 103 كىلومېتىر مۇساپىدە ھەق ئېلىپ تەكشۈرگەندە، كاپالەت پۇلى رەسمىي تۈردە كەپتەر ئىگىسىنىڭ نامىدىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققىگە ئۆزگىرىدۇ، تەكشۈرگەندە كەپتەر بولمىسا، كاپالەت پۇلىنىڭ ھەممىسى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ، (ئەمەلىي تاپشۇرغان ھەق ئاساس قىلىنىدۇ) ھەمدە توردا ئېلان قىلىنىدۇ.

 

ئاممىۋى لاپاس ھەق تاپشۇرۇش ھېسابات نومۇرى:

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى كارتا نومۇرى: 6228453018080403673، ليۇ يۇڭجۈن

ھېسابات ئاچقان بانكا: بانكا نومۇرى: 103885005012، بانكا نامى: سانجى شەھەرلىك تارماق بانكىسى

جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى كارتا نومۇرى: 6222083002006594527، ليۇ يۇڭجۈن

ھېسابات ئاچقان بانكا: ئۈرۈمچى شەھىرى يېكەنكۆل مەيدانى تارماق بانكىسى

جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى كارتا نومۇرى: 6210814540002453165، ليۇ يۇڭجۈن

ھېسابات ئاچقان بانكا: ئۈرۈمچى شەھىرى يېكەنكۆل شەرقىي يولى تارماق بانكىسى

 

بىرىنچى، مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرتلىرى

بۇ قائىدىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى پوچتا كەپتىرى ھەۋەسكارلىرى تىزىملىتىپ مۇسابىقىگە قاتناشسا بولىدۇ، مۇسابىقىنى ئاشكارا، باراۋەر، ئادىل ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ نامىنى قوللىنىدۇ. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەر تۇغۇلغىنىغا 50-25 كۈن بولغان (ئاساسىي پەيلىرى چۈشۈپ كەتكەن 2-پەي ياكى پەيلىرى چۈشۈپ كەتمىگەن) ساغلام باچكىلار بولۇشى، دۆلەت ياكى رايونلۇق پوچتا كەپتىرى تەشكىلاتى ئېتىراپ قىلغان 2019-يىللىق رەسمىي پۇت ھالقىسى تاقاپ قويۇلغان بولۇشى كېرەك.

ئاممىۋى لاپاستا مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرگە بىر تۇتاش ۋاكسىنا ئەملىنىدۇ، ئەگەر كەپتەرنى تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن كەپتەر ئىگىسى ئۆزى ۋاكسىنا ئەملەپ بولغان بولسا، كەپتەرنى تاپشۇرىدىغان چاغدا ئېنىق ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. كەپتەرچى دوستلار باچكىلارنى ئاممىۋى لاپاسقا تاپشۇرغاندىن كېيىن، بۇ قائىدە تەرەپلەرنىڭ توختامى ھېسابلىنىدۇ ھەمدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ، تەرەپلەر ئورتاق رىئايە قىلىشى كېرەك.

 

ئىككىنچى، مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى

ھەر بىر كەپتەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى 1800 يۈەن، بېقىش ھەققى 200 يۈەن. 103 كىلومېتىرلىق (ماناس ھەق ئېلىش پونكىتى) مۇساپىدە مەشىق تەرىقىسىدە قويۇپ بېرىشتە، سانجى شەھەرلىك پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى شىخەنزە پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى، ماناس پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى، قۇتۇبى پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى، ساۋەن پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتىنى رېپېرلىق قىلىپ، مەشىق تەرىقىسىدە قويۇپ بېرىشنى نازارەت قىلىشقا ئورتاق تەيىنلەپ ئەۋەتىدۇ. 60 كىلومېتىرلىق مۇساپىدە مەشىق تەرىقىسىدە قويۇپ بەرگەن ئالدىنقى ئۈچ نەپەر كەپتەرچى دوستلار ۋەكىللىرىنى قويۇپ بېرىشنى نازارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ، كەپتەرچى دوستلارنىڭ قويۇپ بېرىشنى نازارەت قىلىش، مۇسابىقىنى نازارەت قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز. 103 كىلومېتىرلىق مۇساپىدە مەشىق تەرىقىسىدە قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، كەپتەر ئىگىسى قولىغا ئېلىپ تۇتۇپ تەكشۈرىدۇ ھەمدە ھەق تاپشۇرىدۇ. 1-ئۆتكەللىك كەپتەر توپلاشتا قەپەسكە كىرمىگەن بولسا، مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى 1800 يۈەن قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

 

ئۈچىنچى، مۇسابىقە تۈرى، ۋاقتى ۋە ئارىلىقى

1. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئۈچ ئۆتكەل مۇسابىقە، 200±5% كىلومېتىر، 300±5% كىلومېتىر، 500±5% كىلومېتىر، كىچىك كوللېكتىپلار مۇسابىقىسى، چوڭ كوللېكتىپلار مۇسابىقىسى، كەپتەر شاھى مۇسابىقىسى (قوشۇلما ئۆتكەل مۇسابىقىسى) قاتارلىقلار تەسىس قىلىندى.

2. 1-ئۆتكەل مۇسابىقە: 200±5% كىلومېتىر، ئۇچۇرۇش ئورنى: كۈيتۈن چوڭ ئېتىكى، ۋاقتى: 2019-يىلى 9-ئايدا.

3. 2-ئۆتكەل مۇسابىقە: 300±5% كىلومېتىر، ئۇچۇرۇش ئورنى: تودوگ ھەق ئېلىش پونكىتى، ۋاقتى: 2019-يىلى 9-ۋە 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا.

4. 3-ئۆتكەل مۇسابىقە: 500±5% كىلومېتىر، ئۇچۇرۇش ئورنى: سايرام كۆلى، ۋاقتى: 2019-يىلى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرىدا.

 

تۆتىنچى، مۇكاپات تەقسىملەش ۋە قوبۇل قىلىنىش ئىسىم تەرتىپى

1. بىرىنچى ئۆتكەلدىكى 200±5% كىلومېتىرلىق بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە (كۈيتۈن چوڭ ئېتىكى) ئالدىنقى ئۈچ نەپەرنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن مۇكاپات لوڭقىسى بېرىلىدۇ.

چېمپىيونغا

ئىككىنچى بولغۇچىغا

ئۈچىنچى بولغۇچىغا

4-بولغۇچىدىن 100-بولغۇچىغىچە

3000 يۈەن

2000 يۈەن

1500 يۈەن

1000 يۈەن

 

2. ئىككىنچى ئۆتكەلدىكى 300±5% كىلومېتىرلىق تەييارلىق مۇسابىقىسىدە (توتوگ ھەق ئېلىش پونكىتى) ئالدىنقى ئۈچ نەپەرنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن مۇكاپات لوڭقىسى بېرىلىدۇ.

چېمپىيونغا

ئىككىنچى بولغۇچىغا

ئۈچىنچى بولغۇچىغا

4-بولغۇچىدىن 100-بولغۇچىغىچە

5000 يۈەن

3000 يۈەن

2000 يۈەن

1000 يۈەن

3. ئۈچىنچى ئۆتكەلدىكى 500±5% كىلومېتىرلىق ھەل قىلغۇچى مۇسابىقىدە (سايرام كۆلى) ئالدىنقى 10 نەپەرنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن مۇكاپات لوڭقىسى بېرىلىدۇ.

چېمپىيونغا

ئىككىنچى بولغۇچىغا

ئۈچىنچى بولغۇچىغا

4-دىن 10-گىچە

11-دىن 100-گىچە

101-دىن 500-گىچە

501-دىن 600-گىچە

200000 يۈەن

100000 يۈەن

50000 يۈەن

20000 يۈەن

13000 يۈەن

12000 يۈەن

5000 يۈەن

4. كىچىك كوللېكتىپلار مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى 10 نەپەرنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن مۇكاپات لوڭقىسى بېرىلىدۇ.

ئومۇمەن، بىر كىشىنىڭ نامىدا تاپشۇرغان كەپتەر سانى 6 گە يەتسىلا، كىچىك كوللېكتىپلار بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ، 6 كەپتەرنىڭ ھەسسىلىك سانىدىن ئېشىپ كەتسە، ئايرىم بىر گۇرۇپپا ھېسابلىنىدۇ، ئارتۇق تاپشۇرغان مۇسابىقە كەپتەرلىرى A، B، C.... دەپ گۇرۇپپىغا ئايرىۋېتىلىدۇ (1-ئۆتكەن مۇسابىقىدىن بۇرۇن گۇرۇپپىغا ئايرىۋېتىلىدۇ)، كوللېكتىپ مۇسابىقىدە ھەر بىر گۇرۇپپىدىكى 3-ئۆتكەل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئالدىنقى 500 نەپەر ئىچىدە كەپتەر سانى كۆپ بولغۇچى ئۇتقان بولىدۇ (2 كەپتەر تۆۋەن چەك ھېسابلىنىدۇ). مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەر سانى ئوخشاش بولسا، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە باشتا چىقىش تەرتىپى ئالدىدا بولغىنى ئۇتقان بولىدۇ.

 

چېمپىيونغا

ئىككىنچى بولغۇچىغا

ئۈچىنچى بولغۇچىغا

4-بولغۇچىدىن 30-بولغۇچىغىچە

30000 يۈەن

20000 يۈەن

10000 يۈەن

5000 يۈەن

 

5. چوڭ كوللېكتىپلار مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى 5 نەپەرنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن مۇكاپات لوڭقىسى بېرىلىدۇ.

ئومۇمەن، بىر كىشىنىڭ نامىدا تاپشۇرغان كەپتەر سانى 20 گە يەتسىلا، چوڭ كوللېكتىپلار بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ، 20 كەپتەرنىڭ ھەسسىلىك سانىدىن ئېشىپ كەتسە، ئايرىم بىر گۇرۇپپا ھېسابلىنىدۇ، ئارتۇق تاپشۇرغان مۇسابىقە كەپتەرلىرى I، II، III.... دەپ گۇرۇپپىغا ئايرىۋېتىلىدۇ، چوڭ كوللېكتىپلار مۇسابىقىسىدە ھەر بىر چوڭ گۇرۇپپىدىكى 3-ئۆتكەل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئالدىنقى 500 نەپەر ئىچىدە كەپتەر سانى كۆپ بولغۇچى ئۇتقان بولىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەر سانى ئوخشاش بولسا، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە باشتا چىقىش تەرتىپى ئالدىدا بولغىنى ئۇتقان بولىدۇ. (چوڭ كوللېكتىپ بىرلا ۋاقىتتا كىچىك كوللېكتىپقا قاتناشسا بولىدۇ)

 

چېمپىيونغا

ئىككىنچى بولغۇچىغا

ئۈچىنچى بولغۇچىغا

4-بولغۇچىدىن 5-بولغۇچىغىچە

50000 يۈەن

40000 يۈەن

30000 يۈەن

20000 يۈەن

6. ئۈچ ئۆتكەل كەپتەر شاھى مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى 10 نەپەرنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن مۇكاپات لوڭقىسى بېرىلىدۇ.

ئۈچ ئۆتكەل كەپتەر شاھى مۇسابىقىسى: 200 كىلومېتىر، 300 كىلومېتىر، 500 كىلومېتىرلىق ئۈچ ئۆتكەلدىكى بۆلۈنمە سۈرئىتىنىڭ يىغىندىسىنى ئاساس قىلىپ، بۆلۈنمە سۈرئىتى يۇقىرى بولغىنى ئۇتقان بولىدۇ (500-ئىچىدىكى كەپتەرلەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدۇ). بۆلۈنمە سۈرئىتىنىڭ يىغىندىسى تەڭلىشىپ قالسا، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە باشتا چىقىش تەرتىپى ئالدىدا بولغىنى ئۇتقان بولىدۇ.

 

چېمپىيونغا

ئىككىنچى بولغۇچىغا

ئۈچىنچى بولغۇچىغا

4-بولغۇچىدىن 10-بولغۇچىغىچە

10000 يۈەن

10000 يۈەن

10000 يۈەن

5000 يۈەن

 

بەشىنچى، كەپتەر تاپشۇرۇش ئىشلىرى

1. كەپتەر تاپشۇرۇش ۋاقتى: 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، ئاممىۋى لاپىسىمىز 24 سائەت كەپتەر قوبۇل قىلىدۇ. ئۈرۈمچى، سانجى، ۋۇجياچۈي رايونىدا كەپتەر تاپشۇرماقچى بولسا، ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ ئېلىۋالىمىز.

2. كەسىپ تېلېفونى: 18096835977  18096835177

 

ئالتىنچى، مۇسابىقىلەشتۈرۈش چارىسى

1. بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە جۇڭگو پوچتا كەپتىرى جەمئىيىتى تارقاتقان «پوچتا كەپتىرىنى مۇسابىقىلەشتۈرۈش قائىدىسى 2015» ۋە شىنجاڭ پوچتا كەپتىرى ئاممۋى لاپاس باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

2. مۇسابىقە ئېلېكتىرونلۇق سايىلەش سىستېمىسى ئارقىلىق رەتكە تۇرغۇزۇلىدۇ، ھەمدە دىجورنى باش رېپېر جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، كۈچكە ئىگە بولىدۇ. مۇسابىقە داۋامىدا مۇسابىقە كەپتىرى ئۇۋىسىغا قايتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، ئېلېكتىرونلۇق سايىلەپ ۋاقىت ھېسابلاش سىستېمىسىدىن كاشىلا كۆرۈلسە، مۇسابىقە ئاخىرلاشقان بولىدۇ، مۇكاپات پۇلى قەپەسكە كىرگەن مۇسابىقە كەپتەرلىرىگە تەڭ بۆلۈپ بېرىلىدۇ. مۇسابىقە كەپتەرلىرى قايتىپ كەلگەندە ئېلېكتىرونلۇق سايىلەپ ۋاقىت ھېسابلاش سىستېمىسىدا تۇيۇقسىز كاشىلا كۆرۈلۈپ، نەتىجىسىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمىسا، مۇسابىقە ئاخىرلاشقان بولىدۇ، كاشىلا كۆرۈلۈشتىن بۇرۇن كىرگۈزۈلگەن ئىسىم تەرتىپى بويىچە ئۇۋىسىغا قايتقان كەپتەرلەرگە مۇكاپات پۇلى نەقلەشتۈرۈلىدۇ، قالغان ئىسىم تەرتىپىدىكى مۇكاپات پۇلى قەپەسكە كىرگەن كەپتەرلەرگە تەك بۆلۈپ بېرىلىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەر بۇنىڭ سىرتىدا.

3. مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى بىرىنچى، ئىككىنچى ئۆتكەل مۇسابىقىلەرگە تىزىملىتىشتا شۇ كۈنى ئۇۋىسىغا قايتىپ كۈچكە ئىگە بولغانلىرى بىلەن چەكلىنىدۇ. 3-ئۆتكەل ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئاسان بۇزۇلىدىغان چاپلاق چاپلىنىدۇ، رېپېر كەپتەرنى تەكشۈرگەندە ئاسان بۇزۇلىدىغان چاپلاق بىنورمال بولسا، بۇ كەپتەرنىڭ نەتىجىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. تىزىملىتىشنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى بىرىنچى كەپتەر ئۇۋىسىغا قايتقاندىن باشلاپ ئىككىنچى كۈنى كەچتە ئاياغلىشىدۇ، تىزىملىتىشنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى ئىچىدە، ئۇۋىسىغا قايتقان كەپتەرلەرنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئىسىم تەرتىپى توشمىسا، باشقا ئىسىم تەرتىپىدىكى مۇكاپات پۇلى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە قەپەسكە كىرگەن كەپتەرلەرگە تەڭ بۆلۈپ بېرىلىدۇ (مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەر بۇنىڭ سىرتىدا).

4. قوشۇلما ئۆتكەل مۇسابىقىسىگە 501-دىن كېيىنكىلەرنىڭ ھەممىسى قاتنىشىشقا بولىدۇ، قوشۇلما ئۆتكەل مۇسابىقىسىنىڭ قائىدىلىرى ئايرىم چىقىرىلىدۇ.

 

يەتتىنچى، مۇسابىقە كەپتەرلىرىنىڭ تەۋەلىكى

1. 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىدىغان كەپتىرى لاپاسقا قايتماي يوقاپ كەتسە ياكى كېسەل تېگىپ ئۆلسە، باشقۇرغۇچى ئورۇن ۋاقتىدا كەپتەر ئىگىسىگە تولۇقلاپ تاپشۇرۇشنى ئۇقتۇرىدۇ، 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن كېيىن مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىدىغان كەپتىرى يۈتۈپ كەتسە ياكى كېسەل تېگىپ ئۆلسە، تەبىئىي شاللىۋېتىلگەن دەپ قارىلىدۇ، بۇنىڭغا قارىتا باشقۇرغۇچى ئورۇن پوچتا كەپتىرىنى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، باشقۇرغۇچى ئورۇن يارىلىنىش ۋە كېسەل بولۇش سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغان مۇسابىقە كەپتەرلىرىنى مۇسابىقىگە قاتناشقان كەپتەرچى دوستنىڭ ئېلىپ كېتىشىنى ئۇقتۇرىدۇ. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كەپتەرلەرنىڭ مۇسابىقە ھالىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر قېتىملىق مۇسابىقىدىن بۇرۇن مۇسابىقە كەپتەرلىرىنى ئائىلىدە ئۇچۇرۇش ياكى قىسقا مۇساپىلىق مەشق تەرىقىسىدە قويۇپ بېرىش كېرەك، يۈتۈپ كەتسە تەبىئىي شاللىۋېتىلگەن دەپ قارىلىدۇ، باشقۇرغۇچى ئورۇن تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. 103-2 كىلومېتىرلىق مۇساپىدە 10-8 قېتىم مەشىق تەرىقىسىدە قويۇپ بېرىلىدۇ.

2. ھەل قىلغۇچى مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مۇۋاپىق كۈننى تاللاپ مۇكاپات تارقىتىش ۋە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە نەتىجىسى ئالدىنقى 500 نىڭ ئىچىدە بولغان كەپتەرلەر كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىدۇ، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش كىرىمىنىڭ %60 ى كەپتەر ئىگىسىگە تەۋە، %40 ى باشقۇرغۇچى ئورۇنغا تەۋە. كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلمىغان مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەرنى كەپتەر ئىگىلىرى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشتىكى تۆۋەن باھانىڭ %40 ى بويىچە ھەق تاپشۇرۇپ ئېلىپ كېتىدۇ، قەپەسكە قايتىپ كەلگەن كەپتەرلەرنى كەپتەر ئىگىسى مۇسابىقىگە قاتنىشىش كارتىسىغا ئاساسەن ھەقسىز ئېلىپ كېتىدۇ، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئاخىرلىشىپ 7 كۈن ئىچىدە، كەپتەر ئىگىسى كېلىپ ئېلىۋالمىسا، ۋاز كەچتى دەپ قارىلىدۇ، باشقۇرغۇچى ئورۇن بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

3. كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىغان كەپتەرلەرنىڭ باشلانما باھاسى: چېمپىيونلىرىنىڭ 30000 يۈەن، ئىككىنچى بولغانلىرىنىڭ 20000 يۈەن، ئۈچىنچى بولغانلىرىنىڭ 10000 يۈەن، 4-دىن 10-گىچە بولغانلىرىنىڭ 6000 يۈەن، 11-دىن 100-گىچە بولغانلىرىنىڭ 3000 يۈەن، 101-دىن 500-گىچە بولغانلىرىنىڭ 2000 يۈەن، كەپتەر شاھى مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى ئۈچ نەپىرىگە 6000 يۈەن، 4-دىن 10-گىچە بولغانلىرىنىڭ 3000 يۈەن.

4. كەپتەر توپلاشتىن تاكى مۇسابىقە مەزگىلىگىچە بولغان ئارىلىقتا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان تاسادىپىي ئامىل پەيدا بولسا ياكى دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقىدار قائىدە-بەلگىلىمىلىرىگە زىت بولۇپ قېلىپ، مۇسابىقىنى نورمال ئېلىپ بارغىلى بولماي قالسا، باشقۇرغۇچى ئورۇن كەپتەر ئىگىسى تاپشۇرغان مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى 1800 يۈەننى قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

شىنجاڭ جۈنۋېي ئاممىۋى لاپىسى 2019-يىللىق داغدۇغا ئىلكىدە قاتنىشىش كاتتا مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى

 

1. 2019-يىلى جۈنۋېي ئاممىۋى لاپىسى 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ياخشى كەپتەر ئەترىتىنى قۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئاممىۋى لاپاس ئەيياكاپۇ مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىدۇ. 20 كەپتەرلىك چوڭ كوللېكتىپ تەشكىل قىلىنىدۇ (شىنجاڭ جۈنۋېي كەپتەرچىلەر روتا ئەترىتى).

2. مەبلەغ مەنبەسى: جۈنۋېي ئاممىۋى لاپىسى بىردىن بېنىز GLA200 SUV ئاپتوموبىلىنى تەمىنلەپ بېرىدۇ، مەبلەغ توپلىنىدىغان بولۇپ، توپلانغان مەبلەغ مەخسۇس ئىشلىتىلىدۇ، قەرەللىك تۈردە توردا ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ.

3. مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۇسۇلى: 200 يۈەنگە ئاپتوموبىل كاتتا مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سانىدىن بىر نەپىرى بېكىتىپ بېرىلىدۇ.

4. مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرتلىرى: 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن ھەق تاپشۇرىدۇ، ھەر كەپتەر ئۈچۈن 200 يۈەن، سانىغا چەكلىمە قويۇلمايدۇ.

5. توپلانغان مەبلەغنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، 20 دانە كەپتەرلىك چوڭ كوللېكتىپنىڭ مەبلىغىنى پۈتۈنلەي جۈنۋېي ئاممىۋى لاپىسى چىقىرىدۇ.

6. داغدۇغا ئىلكىدە قاتنىشىش مۇكاپات تۈرىنىڭ تەقسىملىنىشى (داغدۇغا ئىلكىدە قاتناشقان 200 نەپەر بېكىتىلگەن كەپتەر ئىگىلىرى بىلەن چەكلىنىدۇ) قاتناشمىغان كەپتەر ئىگىلىرىدىن سىرت بولغانلىقىرنىڭ تەرتىپى ئۆرلىتىلىدۇ.

 

چېمپىيونغا

ئىككىنچى، ئۈچىنچى بولغۇچىغا

كەپتەر شاھى 1-دىن 3-گىچە

چوڭ كوللېكتىپ 1-دىن 5-گىچە

كىچىك كوللېكتىپ 1- دىن 10-گىچە

بېنىز ئاپتوموبىلىدىن بىر

ھەر قايسىسىغا بىردىن

ھەر قايسىسىغا بىردىن

ھەر قايسىسىغا بىردىن

ھەر قايسىسىغا

بىردىن


شىنجاڭ جۈنۋېي ئاممىۋى لاپىسى 2019-يىللىق سەر خىلارنى تاللاش


مۇسابىقە قائىدىسى


 

1. ھەر بىر كەپتەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەققى 2000 يۈەن، 1000 كەپتەر بىلەن چەكلىنىدۇ.

2. سەر خىللارنى تاللاش مۇسابىقىسىگە تىزىملىتىش ۋاقتى: قولغا ئېلىپ تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن ھالقا نومۇرى جەزىملەشتۈرۈلىدۇ ھەمدە ھەق تاپشۇرۇلىدۇ، جەزىملەشتۈرۈپ بولغان ھامان ئۇنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. كەپتەر يوقاپ كەتسە، ئۆلۈپ قالسا تەبىئىي شاللىۋېتىلگەن دەپ قارىلىدۇ.

3. سەر خىللارنى تاللاش مۇسابىقىسىگە تىزىملىتىش نومۇرى: 0994-2210808   18096835955

4. مۇكاپات پۇلىنى تەقسىملەش ئۇسۇلى:

چېمپىيونغا

ئىككىنچى بولغۇچىغا

ئۈچىنچى بولغۇچىغا

4-بولغۇچىدىن 10-بولغۇچىغىچە

11-بولغۇچىدىن 60-بولغۇچىغىچە

300000 يۈەن

200000 يۈەن

100000 يۈەن

30000 يۈەن

20000 يۈەن

5. كەپتەرنىڭ سانى 1000 غا توشمىسا تىزىملىتىش ھەققىنىڭ %90 ى بويىچە مۇكاپات پۇلى تارقىتىشقا ئىشلىتىلىدۇ، مۇكاپات پۇلىنى تەقسىملەش ئۇسۇلى:

چېمپىيونغا

ئىككىنچى بولغۇچىغا

ئۈچىنچى بولغۇچىغا

4-بولغۇچىدىن 10-بولغۇچىغىچە

11-بولغۇچىدىن 60-بولغۇچىغىچە

%15

%10

%5

%10.5

%50

ئەگەر 500 كىلومېتىرلىق مۇساپىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تىزىملىتىش مەزگىلىدە ئۇۋىسىغا قايتقان كەپتەرلەرنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئىسىم تەرتىپى توشمىسا، قالغان ئىسىم تەرتىپىدىكى مۇكاپات پۇلى 500 كىلومېتىرلىق مۇسابىقىدە سەر خىللارنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان قەپەسكە كىرگەن كەپتەرلەرگە تەڭ بۆلۈپ بېرىلىدۇ (مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەپتەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).

 

ئاممىۋى لاپىسىمىز شۇنداق ۋەدە بېرىدۇكى، قانچىلىك كەپتەر توپلىنىشتىن قەتئىينەزەر، قائىدە ئۆزگەرمەيدۇ، ئومۇمىي مۇكاپات پۇلى ئۆزگەرمەيدۇ!

 

 

         شىنجاڭ جۈنۋېي ئاممىۋى لاپىسى

2019-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى



评论

表情